Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 17

لۇقا 17:11-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ،
12بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ،
13ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ‫‪:‬‬ ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى.
14ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ماخاۋدىن پاكلاندى.  
15ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.
16ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى.
17ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ‫‪:‬‬ پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟
18بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى.
19ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە‫‪:‬‬ ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى.
20بىر كۈنى پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛
21كىشىلەر‫‪:‬‬ «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر.  
22كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر.
23شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە‫‪:‬‬ «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار.   
24چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ.
25لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر.  

Read لۇقا 17لۇقا 17
Compare لۇقا 17:11-25لۇقا 17:11-25