1ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى.
2ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى.
3ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دەپ سورىدى.
4بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى.
5ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن يەنە: ــ ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقارمايدىغان زادى كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى.
6ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بېرەلمىدى.
7ئەيسا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۆردىن ئورۇنلارنى قانداق تاللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:
8ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا،
9ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن.
10لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھدا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ.
11چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.
12ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: ــ مېھماننى تاماققا ياكى زىياپەتكە چاقىرغىنىڭدا، دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭنى چاقىرمىغىن. چۈنكى ئۇلارمۇ سېنى مېھمانغا چاقىرىپ، مەرھەمىتىڭنى قايتۇرۇشى مۇمكىن.
13شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن
14ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ.
15ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ــ دېدى.
16بىراق ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بىر كىشى كاتتا زىياپەتكە تۇتۇش قىلىپ، نۇرغۇن مېھمانلارنى چاقىرىپ قويۇپتۇ.
17داستىخان سېلىنغان شۇ سائەتتە، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ.
18بىراق، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بارماسلىققا بىر-بىرلەپ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ.
19يەنە بىرى: «مەن بەش قوشلۇق ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ.
20يەنە بىرسى: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.
21چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ.
22ئاندىن چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، ئەمر بەرگىنىڭدەك ئادا قىلىندى، ۋە يەنە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ.
23شۇنىڭ بىلەن خوجايىن چاكارغا: ــ «ئۆيۈم مېھمانلارغا تولۇش ئۈچۈن يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادىمىڭنى زورلاپ ئېلىپ كەلگىن!
24چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى داستىخىنىمدىن تېتىمايدۇ»، دەپتۇ.
25ئەمدى توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
26ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس.
27كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس.
28ئاراڭلاردىن بىرسى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگۈدەك خىراجەت ئۆزۈمدە بارمۇ-يوق دەپ ھېساب قىلماسمۇ؟
30ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلنى سېلىپ پۈتكۈزەلمىسە، كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ: «بۇ ئادەم بىنانى باشلاپ قويۇپ پۈتكۈزەلمىدى» ــ دېمەي قالمايدۇ.
31ياكى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقسا ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ: ــ مېنىڭ ئۈستۈمگە كېلىدىغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىگىسىگە مەن ئون مىڭ ئەسكىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالارمەنمۇ؟ دەپ مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟!
32ئەگەر ئۇ «سوقۇشالمايمەن» دەپ ئويلىسا، دۈشمەن تېخى يىراقتىكى چاغدا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلھ شەرتلىرىنى سورايدۇ.
33شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.
34تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟
35ئۇ تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!