Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا

لۇقا 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا‫‪:‬‬ «بۇ غوجىدارىڭىز مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ.
2ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب‫‪‎-‎‬‬كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ.
3غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە‫‪:‬‬ «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن.
4ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ
5ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن‫‪‎-‎‬‬بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن‫‪:‬‬ «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ.
6ۋە قەرزدار‫‪:‬‬ «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.
7ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە‫‪:‬‬ «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ‫‪:‬‬ «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.
8شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر.
9ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان كۈنىدە شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ.  
10كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.
11شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟
12ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟
13ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.
14ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.   
15ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.
16تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ پادىشاھلىققا كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر.   
17لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر.  
18ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ».

19ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش‫‪‎-‎‬‬ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى.
20ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا‫‪‎-‎‬‬جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ھەركۈنى ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى.
21ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى‫‪‎-‎‬‬پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى.
22ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛
23ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ‫‪:‬‬
24«ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى.
25لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد‫‪‎-‎‬‬بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن.
26ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس».
27ئەمدى باي يەنە‫‪:‬‬ «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن لازارۇسنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن.
28چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن لازارۇس ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى.
29بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ئۇلاردا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقى بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى.
30لېكىن ئۇ‫‪:‬‬ «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى.
31ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى.