Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا

لۇقا 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى.
2ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى.
3ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ‫‪‎-‎‬‬توپ خالايىققا تەلىم بەردى.
4سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا‫‪:‬‬ ــ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، ــ دېدى.
5سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى.
6ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى.
7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى.
8سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ‫‪:‬‬ ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى.
9چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى.
10ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا‫‪:‬‬ ــ قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن ــ دېدى.  
11ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
12شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.  
13ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ خالايمەن، پاكلانغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى.
14ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.  
15لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ‫‪‎-‎‬‬توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق‫‪‎-‎‬‬كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى.
16ھالبۇكى، ئۇ پات‫‪‎-‎‬‬پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.
17شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى.
18شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى.   

19بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.
20ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە‫‪:‬‬ ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى.
21تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە‫‪:‬‬ ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى.  
22بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟
23«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟
24ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە‫‪:‬‬ ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى.
25ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
26ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا‫‪:‬‬ ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى.
27بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.  
28ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
29لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى.   
30بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى.
31ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر.
32مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.  
33ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى.
34ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟   
35ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ.
36ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى‫‪:‬‬ ــ ھېچكىم يېڭى كۆڭلەكتىن يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلەككە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكنىمۇ يىرتقان بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئالغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ماس كەلمەيدۇ.

37شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇملار يېرىلىدۇ‫‪‎-‎‬‬دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ.
38شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
39ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ‫‪:‬‬ «بولدى، كونىسى ياخشى!» دەيدۇ.