1ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!
2بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
3ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن.
4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.
5شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى.
6ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.
7لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟
8ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟
9قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ.
10شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر.
11ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ،
12بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ،
13ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى.
14ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ماخاۋدىن پاكلاندى.
15ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.
16ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى.
17ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟
18بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى.
19ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى.
20بىر كۈنى پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛
21كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر.
22كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر.
23شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار.
24چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ.
25لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر.
26ۋە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ.
27تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.
28ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى.
29لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.
30ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
31شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا ئۆيىگە ھېچ يانمىسۇن.
32لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!
33كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
34سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.
36ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ».
37ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!