Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا

لۇقا 21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى.  
2ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇ‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر.
4چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى.
5ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ‫‪:‬‬
6ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
7ئۇلار ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8ئۇ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ‫‪:‬‬ «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.  
9سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.
10ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ.   
11جاي‫‪‎-‎‬‬جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، يەر يۈزىدە ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.
12بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ،
13ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ.
14ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار.
15چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن.
16ھەتتا ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانا، ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكا، ئۇرۇق‫‪‎-‎‬‬تۇغقان ۋە يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ.   
17سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر.
18ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ!

19سەۋر‫‪‎-‎‬‬چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر.
20ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار.
21ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن.
22چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.  
23ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە ئەرشتىكى غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛
24ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ.  
25ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ.
26ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس‫‪‎-‎‬‬ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ.
27ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
28لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر.
29ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى‫‪:‬‬ ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار.
30ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.
31شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار.
32مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ.
33ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.  
34ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش‫‪‎-‎‬‬ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم‫‪‎-‎‬‬ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن.   
35چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
36شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.  

37ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى.
38ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى.