1رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى، پونتىئۇس پىلاتۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى، ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا،
2ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى.
3ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى.
4خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك: «باياۋاندا توۋلىغۇچى بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
5بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەسلىتىلىدۇ؛ ئەگرى-توقاي جايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشى يوللار قىلىنىدۇ.
6شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ».
7يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا: ــ ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!
8ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
9پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى.
10ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
11ئۇ جاۋابەن: ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى.
12بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.
13ئۇ ئۇلارغا: ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى.
14ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى.
15ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى.
16يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
17ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.
18ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى.
19كېيىن، ھاكىم ھېرود ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن،
20ھېرود بۇ بارلىق رەزىللىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنى قىلدىكى، يەھيانى زىندانغا تاشلىدى.
21شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ،
22مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
23ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى،
24خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى،
25يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى،
26ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى،
27يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى،
28نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى،
29ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئېلىئەزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى،
30لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى،
31ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى،
32داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى،
33ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى،
34يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى،
35ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى،
36شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى،
37لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى،
38قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى.