8كۈنلىرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىسۇن.
9بالىلىرى يېتىم قالسۇن، خوتۇنى تۇل بولسۇن.
10ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ.
11جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىسۇن، مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىسۇن.
12ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىسۇن، يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىسۇن.
13ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلسۇن؛ كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلسۇن.
14ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالسۇن، ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن.
15بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.
16چۈنكى رەزىل كىشى مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى.