Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 87

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي‫‪‎-‎‬‬ناخشا‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر.
2پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان‫‪‎-‎‬‬جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛
3سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ.
4«مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن.
5بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلىدۇ‫‪:‬‬ ــ «بۇ ئادەم، پالانچى‫‪‎-‎‬‬پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ».
6خەلق‫‪‎-‎‬‬قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. سېلاھ.
7ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ‫‪:‬‬ ــ «مېنىڭ بارلىق بۇلاق‫‪‎-‎‬‬مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!»