Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 107

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى!
2پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار، ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ
3يەنى ئۇ شەرق بىلەن غەربتىن، شىمال بىلەن جەنۇبتىن، ھەرقايسى يۇرتلاردىن يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!
4ئۇلار چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى، ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن.
5ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ، جېنى چىقاي دەپ قالدى.
6ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى.
7ماكانلاشقۇدەك شەھەرگە يەتكۈچە، ئۇ ئۇلارنى تۈز يولدا باشلىدى.
8ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
9چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى.
10زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار، تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا،
11(چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى)
12ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى.
13ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى.
14ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زەنجىر‫‪‎-‎‬‬ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى.
15ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
16مانا ئۇ مىس دەرۋازىلارنى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىپ، تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى.
17ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن، قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛
18كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ، ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ.

19ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ.
20ئۇ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.
21ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئادەم بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
22قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى تەنتەنىلىك ناخشىلار بىلەن بايان قىلسۇن!  
23كېمىلەردە دېڭىزغا چۈشۈپ قاتنىغۇچىلار، ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلغۇچىلار،
24بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر، چوڭقۇر ئوكياندا كۆرسەتكەن كارامەتلەرنى كۆرگۈچىدۇر.
25چۈنكى ئۇ بىر سۆز بىلەنلا شىددەتلىك شامالنى چىقىرىپ، دولقۇنلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ؛
26كېمىچىلەر ئاسمان‫‪‎-‎‬‬پەلەك ئۆرلەيدۇ، سۇلارنىڭ تەھتىلىرىگە چۈشىدۇ، دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ئېرىپ كېتىدۇ.
27ئۇلار مەست ئادەمدەك ئەلەڭ‫‪‎-‎‬‬سەلەڭ ئىرغاڭلايدۇ، ھەرقانداق ئەقىل‫‪‎-‎‬‬چارىسى تۈگەيدۇ؛
28ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ.
29ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ.
30شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىنچلىقىدىن شادلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تەشنا بولغان ئارامگاھىغا يېتەكلەپ بارىدۇ.
31ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
32ئۇلار خەلقنىڭ جامائىتىدىمۇ ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن، ئاقساقاللار مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن.
33ئۇ دەريالارنى چۆلگە، بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.
34ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن، ھوسۇللۇق يەرنى شورلۇق قىلىدۇ.
35ئۇ يەنە چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاننى كۆلگە، چاڭقاق يەرنى بۇلاقلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛
36ئاچلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرنى بەرپا قىلىدۇ؛

37ئۇلار ئېتىزلارنى ھەيدەپ‫‪‎-‎‬‬تېرىپ، ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ بۇلار ھوسۇل‫‪‎-‎‬‬مەھسۇلاتنى مول بېرىدۇ.
38ئۇ پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى خېلىلا ئېشىپ بارىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلىرىنى ھېچ ئازايتمايدۇ.
39ئۇلار يەنە جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇم، بالا‫‪‎-‎‬‬قازا ھەم دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمگە يولۇقۇپ، سانى ئازىيىپ، پۈكۈلىدۇ.
40ئۇ ئېسىلزادىلەر ئۈستىگە كەمسىتىشلىرىنى تۆكىدۇ، يولسىز دەشت‫‪‎-‎‬‬سەھرادا ئۇلارنى سەرگەردان قىلىدۇ؛
41لېكىن مىسكىن ئادەمنى جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇمدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە‫‪‎-‎‬‬تاۋاباتىنى قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ.
42بۇنى كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ پاسىقلارنىڭ ئاغزى ئېتىلىدۇ.
43كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن!