1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛
2مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر!
3مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن.
4مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
5ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛
6ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ.
7گۇناھ بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا!
8مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟
9شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر!
10خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن!
11خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
12ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن.
13چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن.