Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 115

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرگەيسەن.
2ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟
3بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر.
4ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش‫‪‎-‎‬‬ئالتۇندىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس.
5ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛
6قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛
7قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ.
8ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.
9ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر.
10ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر.
11پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر.
12پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛ ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛
13پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ.
14پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛
15سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان، ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن!
16ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر.
17ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ، سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛
18بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرىمىز! ھەمدۇسانا!