1پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛
2لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن.
3ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛
4ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ.
5يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ.
6لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى.
7سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛
8تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، سۇلار سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى.
9ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن.
10تەڭرى ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ.
11دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇلىقىنى قاندۇرىدۇ.
12كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ.
13ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ!
14ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛
15ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛
16پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى سۇ ئىچىپ قانائەتلىنىدۇ.
17ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ.
18ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ.
19پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ.
20سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ.
21ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛
22قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ.
23ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ.
24ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى.
25ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار.
26شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛
27ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ.
28ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ.
29يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.
30روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، يەر-يۈزى يېڭى بىر دەۋر بىلەن ئالمىشىدۇ.
31پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
32ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ.
33ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن.
34ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن!
35گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، رەزىللەر يوق بولىدۇ. ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! ھەمدۇسانا!