Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر!
2ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن.
3مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي‫‪‎-‎‬‬يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا،
4سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟
5چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ.
6ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن،
7جۈملىدىن بارلىق قوي‫‪‎-‎‬‬كالىلار، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار،
8ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار، دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ.
9ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك‫‪‎-‎‬‬ھە!