Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 105

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار!  
2ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار.
3مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن!
4پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، دىدار‫‪‎-‎‬‬ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار.
5ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت‫‪‎-‎‬‬ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار،
6ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى!
7ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر.
8ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ
9يەنى ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر.
10ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ   
11«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى،
12ــ گەرچە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، شۇ يەردىكى مۇساپىرلار بولسىمۇ.
13ئۇلار ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا، بۇ ئەلدىن ئۇ قەبىلىگە كېزىپ يۈردى؛
14ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ
15مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما! ــ دېدى.
16ئۇ ئاشۇ يۇرتقا ئاچارچىلىقنى بۇيرۇدى، تىرەك بولغان ئاش‫‪‎-‎‬‬ناننى قۇرۇتۇۋەتتى.
17ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى، يۈسۈپ قۇل قىلىپ سېتىلغانىدى.  
18ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە ئاغرىدى، ئۇنىڭ جېنى تۆمۈرگە كىرىپ قىسىلدى؛

19شۇنداقلا تا ئۆزىگە ئېيتىلغان ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئۇنى سىناپ تاۋلىدى؛
20پىرەۋن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى بوشاتقۇزدى، قوۋملارنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنى ھۆرلۈككە چىقاردى.
21ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا غوجىدار قىلىپ قويدى، پۈتۈن مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ،
22ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ تەربىيىلىنىشكە، ئاقساقاللىرىغا دانالىق ئۆگىتىشكە تاپشۇردى.
23شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى.
24پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى كۆپ نەسىللىك قىلىپ، ئەزگۈچىلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى.
25ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى.
26ئۇ ئۆز قۇلى بولغان مۇسانى، ئۆزىنىڭ تاللىغىنى ھارۇننى يوللىدى.
27ئۇلار مىسىردا ئىلاھىي ئالامەتلەرنى ئايان قىلىپ، ھام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئورناتتى.
28پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، زېمىننى زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟
29ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇردى، بېلىقلىرىنى قۇرۇتىۋەتتى.
30ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى مىژ‫‪‎-‎‬‬مىژ پاقىلار باستى، شاھ‫‪‎-‎‬‬ئەمىرلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغىمۇ ئۇلار تولۇپ كەتتى.
31ئۇ بىر سۆز بىلەنلا، غۇژ‫‪‎-‎‬‬غۇژ چىۋىنلار بېسىپ كەلدى؛ ھەممە بۇلۇڭ‫‪‎-‎‬‬پۇچقاقلاردا غىڭ‫‪‎-‎‬‬غىڭ ئۇچار چۈمۈلىلەر.
32ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، بۇ زېمىنغا يالقۇنلۇق ئوت چۈشۈردى.
33ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى، ئەنجۇر دەرەخلىرىنى ئۇردى، زېمىندىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى.
34ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ،
35زېمىنىدا بار بولغان گىياھلارنى يۇتۇۋەتتى، ئېتىزلارنىڭ بارلىق ھوسۇللىرىنى يەپ تۈگەتتى.
36ئاخىردا زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.

37ئۆز خەلقىنى بولسا، ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشلەرنى كۆتۈرگۈزۈپ چىقاردى، قەبىلىلىرىدە بىرسىمۇ يىقىلىپ چۈشۈپ قالغىنى يوق.
38ئۇلارنىڭ چىققىنىغا مىسىر خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى مىسىرلىقلارغا چۈشتى.
39ئۇ ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن بولۇشقا، ئوتنى تۈندە نۇر بولۇشقا بەردى.
40ئۇلار سورىدى، ئۇ بۆدىنىلەرنى چىقاردى، ئۇلارنى ساماۋىي نان بىلەن قاندۇردى.
41ئۇ تاشنى ياردى، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقتى؛ قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى.
42چۈنكى ئۇ بەرگەن مۇقەددەس سۆزىنى، ئۆز قۇلى ئىبراھىمنى ئەستە تۇتتى.
43ئۇ خەلقىنى شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق بىلەن، ئۆز تاللىغىنىنى شادىيانە تەنتەنىلەر بىلەن ئازادلىققا چىقاردى.
44ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى خەلقلەرنىڭ ئەجىر‫‪‎-‎‬‬مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى،
45بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى! ھەمدۇسانا!