Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
2ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛
3بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ.
4مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن.
5مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛
6ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛
7مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
8پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ.
9مۆمىنلەرنى ياخشى‫‪‎-‎‬‬ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ.
10ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر.
11ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن.
12كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ؛
13ئۇنىڭ جېنى ئازادە‫‪‎-‎‬‬ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ.
14پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
15مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ.
16ماڭا قاراپ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن.
17كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن.
18دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن!

19مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ.
20جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم.
21كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن.
22ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن!