Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛ ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا‫‪:‬‬ «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ!
2چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ، قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ، ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛
3«ئۇللار ھالاك قىلىنسا، ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟
4پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ ئۇ نەزەر سالىدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ.
5پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ‫‪‎-‎‬‬ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
6ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛ پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ.
7چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ.