Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 47

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي‫‪:‬‬ ــ بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار! ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار!
2چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر، پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر.
3ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىزنى ئەل‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ.
4ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. سېلاھ!
5خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛
6خۇداغا ناخشا‫‪‎-‎‬‬كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا‫‪‎-‎‬‬كۈي ئېيتىڭلار! پادىشاھىمىزغا ناخشا‫‪‎-‎‬‬كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا‫‪‎-‎‬‬كۈي ئېيتىڭلار!
7خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا‫‪‎-‎‬‬كۈي ئېيتىڭلار!
8خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
9ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛ چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛ ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر!