Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 133

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!
2ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛
3ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان!