Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 76

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي‫‪‎-‎‬‬ناخشىسى‫‪:‬‬ ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.
2ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار.
3ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. سېلاھ.
4ئۆزۈڭ ئوۋ‫‪‎-‎‬‬ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن!
5باتۇرلار بۇلاندى؛ ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى.
6سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى.
7سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟
9يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. سېلاھ.
10چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ.
11پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛
12ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر.