Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 116

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان.
2چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن.
3ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛
4شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم‫‪:‬‬ ــ «سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن!
5شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ھەققانىيدۇر؛ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.
6پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛ مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى.
7ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛
8چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن.
9مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛
10ئىشەنگىنىم ئۈچۈن مۇنداق سۆز قىلغانمەن‫‪:‬‬ ــ «مەن قاتتىق خار قىلىنغانمەن».  
11جىددىيلەشكىنىمدىن‫‪:‬‬ ــ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالغانچى!» ــ دېگەنمەن.
12ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقلىرىنى مەن نېمە بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتۇرىمەن؟
13ــ نىجاتلىق قەدەھىنى قولۇمغا ئالىمەن، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛
14مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن.
15پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر!
16ئاھ پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ئىكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاسارەتلىرىمنى يەشكەنسەن؛
17مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛
18مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛

19پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا تۇرۇپ، ئى يېرۇسالېم، قەسەملىرىمنى ئادا قىلىمەن! ھەندۇسانا!