1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر!
2ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر، بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر!
3خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ، بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛
4مانا، پادىشاھلار يىغىلدى، ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى.
5شەھەرنى كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى.
6ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛
7سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ.
8قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ.
9بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق.
10نامىڭغا لايىقتۇر، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان.
11سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، زىئون تېغى شادلانغاي! يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!
12زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛
13كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار، قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار.
14چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ!