1داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!
2ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
3خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!
4چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغتۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى.
5ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
6ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن.
7خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى تەقسىم قىلىشقا ئۆلچەيمەن.
8گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛
9موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!».
10كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
11ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟
12بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!
13خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر!