1ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا،
2شۇ چاغدا يەھۇدا خۇدانىڭ مۇقەددەس جايى، ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى،
3دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛
4تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى.
5ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟
6تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟
7ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛
8ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.