Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 58

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى‫‪:‬‬ ــ ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟ ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟
2ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛ يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر.
3رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ.
4ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛ ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك،
5مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ، ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ.
6ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن! مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
7ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛ ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا، ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي!
8قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك، ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛ ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك، ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن!
9قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ.
10ھەققانىي ئادەم خۇدانىڭ ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ.
11شۇڭا ئادەملەر‫‪:‬‬ «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ.