Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! مەدھىيىلەش دۇرۇسلار ئۈچۈن گۈزەل ئىشتۇر.
2راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈيلەرنى ئېيتىڭلار.
3ئۇنىڭغا ئاتاپ يېڭى بىر مۇناجات‫‪‎-‎‬‬ناخشىنى ئېيتىڭلار؛ ماھىرلىق بىلەن چېلىپ، ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى ياڭرىتىڭلار.
4چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ۋەدىلىرىگە ساداقەتلىكتۇر.
5ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن تولغاندۇر.
6پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەپەس بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇيارىتىلغاندۇر؛  
7ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛
8پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛
9چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى.
10پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
11پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
12«پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر! يەنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر!
13پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
14تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛
15ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دەڭسەپ چىققۇچىدۇر.
16پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛ پالۋان ئۆزىنىڭ زور كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
17تولپارغا تايىنىپ خەۋپ‫‪‎-‎‬‬خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇ زور كۈچى بىلەن ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
19مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

20بىزنىڭ جېنىمىز پەرۋەردىگارغا تەلمۈرىدۇ؛ بىزنىڭ ياردەمچىمىز، بىزنىڭ قالقىنىمىز ئۇ بولىدۇ.
21شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز شادلىنىپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تايىنىپ ئىشەندۇق.
22ئى پەرۋەردىگار، بىز ساڭىلا ئۈمىد باغلىغىنىمىزدەك، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭمۇ ئۈستىمىزدە بولغاي!