1ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار.
2مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن.
3بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن.
4بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز.
5چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇغان؛
6شۇنداق قىلىپ كېلەر دەۋر، يەنى تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ بۇلارنى بىلسۇن، ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن؛
7پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىسۇن، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىسۇن، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرسۇن؛
8ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشىمىسۇن دەپ، يەنى جاھىل ھەم ئاسىي بىر دەۋر، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغان، روھى تەڭرىگە ۋاپالىقتا تۇرمىغان بىر دەۋرگە ئوخشىمىسۇن دەپ، ئۇ شۇنداق بۇيرۇغاندۇر.
9مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى.
10ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى.
11ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى.
12ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛
13ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەن؛ سۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ تىكلىدى.
14ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.
15چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتتى، چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛
16ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى.
17بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى.
18ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى.
19ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟
20مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى.
21شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛
22چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى،
23ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛
24ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛
25شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى.
26ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛
27ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى.
28ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى.
29ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى خۇدا ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى.
30لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا،
31خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قارىتا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرىنى قىرىۋەتتى، ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرىنى يەرگە ئۇرۇۋەتتى.
32مانا، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا داۋاملىق گۇناھ قىلىۋەردى، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىگە تېخىچىلا ئىشەنمىدى؛
33شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بىھۇدىلىكتە، يىللىرىنى دەككە-دۈككىلىك ئىچىدە تۈگەتكۈزدى.
34ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇرغاندا، ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىدى؛ ئۇلار يولىدىن يېنىپ، ئىنتىلىپ تەڭرىنى ئىزدىدى؛
35ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇلتېشى ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
36بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلدى، تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛
37چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى.
38بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ قايتا-قايتا ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى.
39ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى.
40ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى!
41بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى.
43ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى ئەسلىمىدى؛ ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى.
44ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛
45ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛
46ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛
47ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتىۋەتتى.
48ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا كۆيدۈرىۋەتتى.
49ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى.
50ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛
51ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.
52ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛
53ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرىنى بولسا، دېڭىز يۇتۇپ كەتتى.
54ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى.
55ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، زېمىن ئۈستىگە تانا تارتقۇزۇپ ئۆلچەپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلدى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى.
56بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛
57بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى.
58ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى.
59خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى.
60ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى،
61ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛
62ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.
63ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى.
64ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى.
65ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى.
66ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى.
67يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛
68بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.
69شۇ يەردە مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛
70ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛
71قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى.
72داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.