Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 102

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى‫‪:‬‬ ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد‫‪‎-‎‬‬پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە‫‪:‬‬ ــ دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن!
2يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن!
3مانا، كۈنلىرىم ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن‫‪‎-‎‬‬چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى!
4يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى، ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم.
5مەن ئاھۇ‫‪‎-‎‬‬زار تارتقانلىقىمدىن، ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى.
6چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىكى ساقىيقۇشتەك، ۋەيرانچىلىقتا قونۇپ يۈرگەن ھۇۋقۇشقا ئوخشايمەن.
7ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇپ كۆزەتتىمەن؛ ئۆگزىدە يالغۇز قالغان قۇشقاچ كەبىمەن.
8دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مېنى ھاقارەتلىگەنلەر ئىسمىمنى لەنەت ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.
10قەھرىڭ ھەم ئاچچىقىڭ تۈپەيلىدىن، كۈلنى نان دەپ يەۋاتىمەن، ئىچىملىكىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئارىلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى سەن مېنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇردۇڭ.
11كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى، ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم.
12لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن، سېنىڭ نام‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتىڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر.
13سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن، زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛ چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى، ھە، ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى يېتىپ كەلدى!
14چۈنكى قۇللىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ، ھەم تۇپرىقىغىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛
15ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، يەر يۈزىدىكى شاھلار شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىڭدىن ئەيمىنىدۇ.
16مانا، پەرۋەردىگار زىئوننى قايتىدىن قۇرغاندا، ئۇ ئۆز شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىدە كۆرۈنىدۇ!
17ئۇ غېرىب‫‪‎-‎‬‬مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ.
18بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ؛
20چۈنكى ئۇ ئەسىرلەرنىڭ ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلىرىنى ئاڭلاي دەپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ئازاد قىلاي دەپ، ئېگىزدىكى مۇقەددەس جايىدىن ئېڭىشىپ نەزەر سالدى، ئەرشلەردىن پەرۋەردىگار يەرگە قارىدى؛

22شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولايلى دېگەندە، يەنى ئەل‫‪‎-‎‬‬مەملىكەتلەر جەم يىغىلغان ۋاقتىدا ــ پەرۋەردىگارنىڭ نامى زىئوندا، ئۇنىڭ شەرەپلىرى يېرۇسالېمدا جاكارلىنىدۇ!
23بىراق ئۇ مېنى يولدا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، كۈنلىرىمنى قىسقارتتى.
24مەن‫‪:‬‬ «تەڭرىم، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا مېنى ئېلىپ كەتمە!» ــ دېدىم. ــ «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر،
25سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛
26ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، شۇندا ئۇلار كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ.
27بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر.
28قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!».