1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ!
2شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا، قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ.
3بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
4جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي، چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن، يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛ سېلاھ.
5بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
6ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛ خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛
7خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!