Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 118

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر!
2ئىسرائىل‫‪:‬‬ « ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
3ھارۇن جەمەتى‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
4پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
5قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى‫‪‎-‎‬‬ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى.
6پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
7پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛ ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن.
8پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛
9پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر.
10بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛  
11ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛
12ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛ ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن.
13سەن دۈشمەن مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ، يىقىلغىلى تاس قالدىم؛ بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى.
14كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛ ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى!
15ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!
16پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!
17مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن.
18پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى.

19ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛ مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن.
20بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛ ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ!
21مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ.
22تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.  
23بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى.
24بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛ بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز.
25قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن!  
26پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق.
27پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛ ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛ ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار.
28سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن.
29پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر!