Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 130

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
2ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛
3ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟
4بىراق سەندە مەغپىرەت‫‪‎-‎‬‬كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.
5پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم.
6تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.
7ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛
8ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.