Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 120

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛ ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى.
2ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.
3ساڭا نېمە بېرىلىدۇ، ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك، ئەي ئالدامچى تىل؟
4ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار، ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن!
5مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا، كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي!
6مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛
7مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛ بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ.