Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 77

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ.
2بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى.
3مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ‫‪‎-‎‬‬زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ.
4سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم.
5مەن‫‪:‬‬ «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛
6كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ دېدىم؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛
7ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟
8ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن‫‪‎-‎‬‬ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟
9تەڭرى مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ.
11ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم‫‪:‬‬ ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ ئېتىقادىمنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن.
12سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛
13ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟
14مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ.
15ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ.  
16سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى.
17قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپكە ئېتىلدى.
18گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى.
19سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان‫‪‎-‎‬‬دېڭىزلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ.

20سەن قوي پادىسىنى باققاندەك، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ».