Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛ ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى.  
2ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ.
3پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!
4ئۇلار‫‪:‬‬ «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ.
5«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن».
6پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر.
7سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ سەن مۆمىنلەرنى مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛
8چۈنكى رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا!