1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا، سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا، كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.
2سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار، كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار، جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ.
3مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛
4ياشلىقتا تاپقان بالىلار، باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ.
5ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛ شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا، ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ.