Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 61

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن!
2يەرنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن‫‪:‬‬ ــ سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن!
3چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن.
4مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ.
5چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن.
6پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە بولىدۇ.
7ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛
8شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن!