Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 70

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
2مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي.
3مېنى‫‪:‬‬ ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!
4بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە‫‪:‬‬ «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي.
5بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن!