Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟
2رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ.  
3چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛ ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ.
4ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا‫‪:‬‬ «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ.
5ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛ سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ.
6رەزىل ئادەم كۆڭلىدە‫‪:‬‬ «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن! دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ.
7ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛ تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ.
8ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛
9ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ.
10يوقسۇللار ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛ دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ.
11ئۇ كۆڭلىدە‫‪:‬‬ «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ.  
12ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما!
13رەزىل ئادەم نېمىشقا سەن خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە‫‪:‬‬ «خۇدا بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ.
14سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ چۈنكى سەن يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلەرگە يار‫‪‎-‎‬‬يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛
15رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛ ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل‫‪‎-‎‬‬كېسىل يوقاتقايسەن.
16پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛ ئىمانسىز ئەللەر بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن يوقىلار.  
18-17 پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاجىز‫‪‎-‎‬‬مۆمىنلەرگە قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن.