Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 111

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن.
2پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە.
3ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.
4ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر.
5ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ.
6ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، باشقا ئەللەرنىڭ مىراس‫‪‎-‎‬‬زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى.
7ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر.
8بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر.
9ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى.
10پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.