Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 131

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛
2بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك، ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛ كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر.
3ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛ ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە!