1ھەمدۇسانا! ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە!
2مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛ ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن.
3ئېسىلزادىلەرگىمۇ، ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر.
4مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ، ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ.
5ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر!
6ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛
7ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛
8پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ.
9پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.
10پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ! ھەمدۇسانا!