Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر

زەبۇر 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر!
2ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.
3ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.  
4رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر.
5شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.