Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 17

لۇقا 17:1-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!  
2بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
3ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ‫‪‎-‎‬‬نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن.
4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ‫‪:‬‬ توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.
5شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە‫‪:‬‬ ئىشەنچ‫‪‎-‎‬‬ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى.
6ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە‫‪:‬‬ «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.
7لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟
8ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچكىن، دېمەسمۇ؟
9قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ.
10شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن‫‪:‬‬ بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر.
11ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ،
12بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ،
13ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ‫‪:‬‬ ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى.
14ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ماخاۋدىن پاكلاندى.  
15ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.
16ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى.
17ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ‫‪:‬‬ پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟

Read لۇقا 17لۇقا 17
Compare لۇقا 17:1-17لۇقا 17:1-17