Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2يەتتە كۈندىن كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
3«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن!
4شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن!
5شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن!
6شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى باشقا كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن!
7مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن!
8كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن!
9شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن!
10چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان.
11ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟
12نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟
13مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم.
14شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن،
15ياكى ئالتۇن يىغقان، ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ‫‪‎-‎‬‬شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛
16قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم.
17ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛
18ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛
19غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ.

20جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ نېمىشقا دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟
21ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ،
22ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىققا چۆمىدۇ.
23ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا نۇر ۋە ھايات بېرىلىدۇ؟
24شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ.
25چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى.
26مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!».