1لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ باسالامسەن؟
2ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟
3ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟
4ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟
5سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟
6تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟
7سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟!
8قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن!
9مانا، «ئۇنى بويسۇندۇرىمەن» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟
10ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟
11ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟
12لېۋىئاتاننىڭ ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.
13كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟
14كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ.
15قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى،
16بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ.
17ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر.
18ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر.
19ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ.
20قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛
21ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ.
22بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ.
23ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى قاسىراقلىرى يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ.
24ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ.
25ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
26بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر.
27ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ.
28ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ.
29توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ.
30ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ.
31ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛
32ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
33يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان.
34ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا جۈرئەت بىلەن نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر».