Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2«سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر، قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟
3سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛ ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر.
4ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا، مەن ئەمدى ئۇنىڭ دەردىنى تارتىمەن.
5ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار، يۈزۈم ئالدىدا شەرم‫‪‎-‎‬‬ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،
6ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن، ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛
7قارا، مەن نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن، بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛ مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ.
8ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى، قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى.
9ئۇ مەندىن شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى، بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى.
10ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛ ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى.
11غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى، مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى.
12ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى، پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى.
13ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى، تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى.
14تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى، دوست‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى.
15ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم.
16مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك.
17تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ، ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار.
18ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ.

19مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى.
20ئەت‫‪‎-‎‬‬تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى.  
21ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى.
22سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!
23ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى!
24ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى! ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!
25بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!  
26ھەم مېنىڭ بۇ تېرە‫‪‎-‎‬‬ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!
27ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!
28ئەگەر سىلەر‫‪:‬‬ «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،
29ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك! چۈنكى خۇدانىڭ غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانىڭ سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر».