Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛
2تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ.
3ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ.
4ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ.
5ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛
6يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر.
7ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن.
8ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان.
9ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ.
10تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛
11يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ.
12بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
13ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس.
14يەر تېگى‫‪:‬‬ «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا‫‪:‬‬ «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ.
15دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس.
16ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ.
17ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس.
18ئۇ ئۈنچە‫‪‎-‎‬‬مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

19ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
20ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
21چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ.
22ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ.
23ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر.
24چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.
25ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، دۇنيانىڭ سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە،
26يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە،
27ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش‫‪‎-‎‬‬ئايىغىغا قاراپ چىقىپ،
28ئىنسانغا‫‪:‬‬ «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن».