Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«ئەمدىلىكتە، ئى ئايۇپ، بايانلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن، سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ چىققايسەن.
2مانا ھازىر لەۋلىرىمنى ئاچتىم، ئاغزىمدا تىلىم گەپ قىلىدۇ.
3سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ.
4تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ.
5جاۋابىڭ بولسا، ماڭا رەددىيە بەرگىن؛ سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا سەپكە قويۇپ جەڭگە تەييار تۇرغىن!
6مانا، تەڭرى ئالدىدا مەن ساڭا ئوخشاش بەندىمەن؛ مەنمۇ لايدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ ياسالغانمەن.
7بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن، ۋە ياكى مەن سالغان يۈك ساڭا بېسىم بولمايدۇ.
8سەن دەرۋەقە قۇلىقىمغا گەپ قىلدىڭكى، ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن‫‪:‬‬ ــ
9«مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق...
10مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ؛
11ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم.  
12مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەيكى، بۇ ئىشتا گېپىڭ توغرا ئەمەس؛ چۈنكى تەڭرى ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر.
13سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟
14چۈنكى تەڭرى ھەقىقەتەن گەپ قىلىدۇ؛ بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، لېكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ؛
15چۈش كۆرگەندە، كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتە، ــ (قاتتىق ئۇيقۇ ئىنسانلارنى باسقاندا، ياكى ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىلىرىدە ئۈگدەك باسقاندا) ــ
16ــ شۇ چاغلاردا ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە مۆھۈرلەيدۇ.
17ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى يامان يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛
18بۇنىڭ بىلەن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى كۆز يەتمەس ھاڭدىن ياندۇرۇپ، ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قىلىچلىنىشتىن قوغدايدۇ.

19ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن، سۆڭەكلىرىنى ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن، تەربىيە قىلىنىدۇ.
20شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ‫‪‎-‎‬‬نېمەتلەردىن قاچىدۇ.
21ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ.
22بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ، ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛
23بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا، يەنى مىڭىنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسا، ــ ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسا،
24ئۇنداقتا خۇدا ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىپ‫‪:‬‬ «ئۇنى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن، چۈنكى مەن نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ دەيدۇ.
25بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتلىرى بالىلىق ۋاقتىدىكىدىن يۇمران بولىدۇ؛ ئۇ ياشلىقىغا قايتىدۇ.
26ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇ خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ، ھەمدە خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ.
27ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ‫‪:‬‬ ــ «مەن گۇناھ قىلدىم، توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى!
28ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى، جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» ــ دەيدۇ.
29مانا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئادەمنى دەپ، ئىككى ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ،
30مەقسىتى ئۇنىڭ جېنىنى ھاڭدىن ياندۇرۇپ قۇتقۇزۇشتۇر، ئۇنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈندۇر.
31ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي.
32ئەگەر سۆزلىرىڭ بولسا، ماڭا جاۋاب قىلىۋەرگىن؛ سۆزلىگىن! چۈنكى ئىمكانىيەت بولسىلا مېنىڭ سېنى ئاقلىغۇم بار.
33بولمىسا، مېنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇر؛ سۈكۈت قىلغىن، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتىپ قوياي».