1ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2«ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار، ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
3ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك، قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ.
4ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛ ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى!
5چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ.
6يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟ ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ،
7قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر.
8ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ.
9چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى.
10شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن!
11چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ.
12دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ.
13كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟
14ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا،
15شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ.
16سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا! سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال!
17ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟!
18ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر.
19ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر.
20كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ.
21چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ.
22شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ.
23چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.
24ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛
25چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ.
26ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ،
27چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان.
28ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ.
29ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، ئەگەر ئۇ شەپقىتىنى كۆرسەتمەي يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟
30ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر.
31چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛
32ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە،
33سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ. مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛ ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ!
34ئەقلى بار ئادەملەر بولسا، گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ
35«ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛ ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ.
36ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن، ئاخىرغىچە سىنالسۇن!
37چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛ ئۇ ئارىمىزدا ئاھانەت بىلەن چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە».