Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟ مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟
2چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.
3مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛ لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم،
4ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛ ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛ ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ.
5ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛ قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
6چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس.
7بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك، ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر.
8ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم.
9ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
10ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛ ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
11ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛ ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ.
12ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ.  
13ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛ ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ.  
14كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛ چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.
15بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ.
16شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ.
17قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ!
18چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ.

19ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ.  
20ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە، ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ.
21سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن.
22ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن.
23سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛ ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ.
24سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.
25نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن.
26سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك، پەقەت ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن.
27بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر. شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق».